فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، بۇ خوڭكوڭ خىتاي قوينىغا قايتۇرۇپ بېرىلىپ، 14 يىل ئۆتكەندىن كېيىن رۇسىيە پرېزىدېنتىنىڭ بىرىنچى قېتىم خوڭكوڭغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىدۇر.
17-ئاپرېل كۈنى مېدېۋېدېۋ خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىنىڭ باشلىقى دونالد ساڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، «خوڭكوڭ موسكۋا ئۈچۈن بىر مودېل» دېگەن. ئۇ سۆزىدە «خوڭكوڭنىڭ تەجرىبىلىرى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم كۆرسەتكۈچ» دەپ مەدھىيىلىگەن.
ئۇ رۇسىيىنىڭ موسكۋانى خۇددى خوڭكوڭدەك يەر شارى خاراكتېرلىك پۇل-مۇئامىلە مەركىزىي قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە خوڭكوڭنى موسكۋاغا مەبلەغ سېلىشقا چاقىرغان.
ھازىر خوڭكوڭ بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا سودا–ئىقتىسادىي ئالاقىلەر كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ئىككى تەرەپ سودىسى بۇ يىل 63% كۆپەيگەن.
ئىككى تەرەپ موسكۋا بىلەن خوڭكوڭ ئارىسىدا سودا–ئىقتىساد ۋە ساياھەتچىلىكنى كۈچەيتىشكە پۈتۈشكەن.
مېدۋېدېۋ بۇنىڭدىن ئىلگىرى خەينەن ئۆلكىسىدىكى سەينادا ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە، خىتاي، ھىندىستان ۋە برازىلىيە ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان ئىدى.