خىتاي - رۇسىيە بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرى شۇ جاي ۋاقتى 22 - ئاپرېل يەكشەنبە كۈنى باشلىنىدىغان بولۇپ، مانېۋىر كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى سېرىق دېڭىز تەۋەلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
مانېۋىرغا روسىيە پەقەت سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىلا ئەۋەتكەن بولۇپ، پاراخوتلار شەنبە كۈنى چىڭداۋدىكى مەلۇم بىر پورتقا كىرىپ كەلگەن. مانېۋىر 22 - ئاپرېلدىن 27 -ئاپرېلغىچە 5 كۈن ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
ئۆتكەن ھەپتە يەنى 16 - ئاپرېل ئامېرىكا - فىلىپپىن دائىرىلىرى خىتاي - فىلىپپىن ئارىسىدىكى دېڭىز تەۋەلىكى دەتالىشى تازا جىددىيلەشكەن مەزگىلدە 10 كۈنلۈك بىرلەشمە مانېۋىر باشلىغان ئىدى.
خىتاي - فىلىپپىن ئارىسىدىكى دېڭىز تەۋەلىكى جىددىيلىكى تېخى پەسەيگىنى يوق. يۇقىرىقى مانېۋىرلا ۋاقىت ۋە ئورۇن جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكلىكى بىلەن دىققەتنى تارتماقتا.