رۇسىيىدە خىتاي تەھدىتى كۆز قارىشى كۈچەيمەكتە

يېقىندا رۇسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسىنىڭ 5-قانىلىدا خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئائىت بىر مۇھاكىمە ھەم راي سىناش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، راي سىناش نەتىجىسىدە 69% رۇسىيىلىك خىتاينى رۇسىيىگە ھەقىقىي تەھدىت دەپ قارىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەخسۇس پروگراممىغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر خىتايلارنىڭ رۇسىيىدە كۆپىيىپ ھەممە يەرگە يامراۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تىلغا ئالغان.

ئىركۇتسكى شەھەرلىك پارلامېنتنىڭ ۋەكىلى بولسا، گەرچە رۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ خىتايلار ئۈچۈن رۇسىيىدە خىتاي شەھەرچىسى قۇرۇپ بېرىلمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئىركۇتسكى شەھىرىدە خىتايلار توپلاشقان خىتاي شەھىرىنىڭ ئاللىقاچان پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، 2010-يىلى، موسكۋا ئاۋازى رادىئوسى «كىم رۇسىيىنىڭ دۈشمىنى؟» دېگەن تېمىدا بىر راي سىناش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، نەتىجىدە 77% ئادەم «خىتاي رۇسىيىنىڭ دۈشمىنى» دەپ راي بەرگەن، بىراق ئامېرىكىنى دۈشمەن دېيىش نىسبىتى بەك تۆۋەن بولغان.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى يېقىندىن بۇيان خىتاي تەرەپنىڭ خاباروۋسكى شەھىرىگە يېقىن ئۇسسۇرى دەرياسى چېگرا پاسىللىرىدا دەريا ساھىللىرىنى قېزىش ئارقىلىق سۇ يولىنى كېڭەيتىپ، رۇسىيە زېمىنلىرىنى ئېگىلىۋاتقانلىقىنى يېزىشقان ئىدى. بۇ مەسىلە رۇسىيە سىياسەت قاتلىمىدا ئىنكاس پەيدا قىلغان.

رۇسىيە ئاپتورلىرى ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ رۇسىيە زېمىنلىرىنى ئىگىلەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان. ئالېكساندىر بوندارېنكونىڭ «خىتاي تېررىتورىيىسىنى كېڭەيتىۋاتىدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدە ۋەكىل خاراكتېرلىكتۇر.