لېكىن ئىككى تەرەپ گاز باھاسى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەردە كېلىشەلمەي ئاخىرقى كېلىشىمگە ئىمزا قويالمىغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ پات ئارىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىش مۇمكىنچىلىكىدىن ئۈمىدسىز ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. رۇسىيە بىلەن خىتاي بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن سېبىرىيىدىن خىتايغا تۇرۇبا يولى ئارقىلىق ئىككى لىنىيە بويىچە گاز يۆتكەشكە پرىنسىپ جەھەتتىن كېلىشكەن.
مەزكۇر گاز تۇرۇبىسىنىڭ بىر لىنىيىسى رۇسىيىنىڭ ئالتاي جۇمھۇرىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقىدىن ئۆتەتتى. ئالتاينىڭ قاناس قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلىك رايونلىرىدىن ئۆتىدىغان مەزكۇر تۇرۇبا يولى مۇھىت قوغدىغۇچىلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان.
بۈگۈنكى خەۋەرلەردە، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ پەيشەنبە كۈنى مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقى، لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئانالىزچىلار، خىتايغا تۇتۇشىدىغان غەربىي ۋە شەرقىي سېبىرىيە گاز تۇرۇبا يولىنىڭ پۈتۈپ چىقىشىغا زور مەبلەغ كېتىدىغانلىقىنى، 100 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مەزكۇر تۇرۇبا يولى ئارقىلىق ھەر يىلى خىتايغا يوللىنىدىغان گاز مىقدارى، رۇسىيە يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتىنىڭ 2% نى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي بىلەن رۇسىيە 2009-يىلى كېلىشىم تۈزۈپ، رۇسىيىدىن ھەر يىلى 70 مىليارد كۈپ مېتىر گاز يوللاشقا كېلىشكەن.