رۇسىيىنىڭ چېگرا مۇداپىئە پاراخوتى خىتاي بېلىقچى كېمىلىرىنى توپقا تۇتتى

رۇسىيە ئاۋازىنىڭ 7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيىنىڭ چارلاش پاراخوتى ياپون دېڭىزىدىكى رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادىي رايونىدا خىتاينىڭ بايرىقى ئېسىلغان بېلىقچىلىق كېمىسىنى توپقا تۇتۇشقا مەجبۇر بولغان.

رۇسىيە بىخەتەرلىك باش ئىدارىسى شەرقىي شىمال دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيىنىڭ چېگرا مۇداپىئە پاراخوتى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى رۇسىيىنىڭ دېڭىز ساھەسىدە خىتاينىڭ بېلىقچى كېمىسىنى بايقىغان. رۇسىيە چېگرا مۇداپىئە پاراخوتى بېلىقچى كېمىسىگە چاقىرىق بەرگەندە خىتاي كېمىسى جاۋاب قايتۇرمىغان. ئەكسىچە، خىتاينىڭ بېلىقچى كېمىسىدە قېچىشقا ئۇرۇنۇش ئالامەتلىرى بايقالغان.

رۇسىيە شەرقىي شىمال دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە پاراخوتى ئۇدا 3 سائەت ئىز قوغلىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ بېلىقچىلىق كېمىسىگە ئاگاھلاندۇرۇش زەمبىرىكى ئاتقان.

رۇسىيە تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيىنىڭ ناخودكا پورتىغا يالاپ ئېلىپ بېرىلغان خىتاي بېلىقچى كېمىسىنىڭ ئىچىدە 22.5 توننا لولىگو سىياھ بېلىقى بولسىمۇ، ئەمما كېمىدە بېلىق تۇتۇشقا ئالاقىدار ئىسپاتلارنىڭ يوق بولۇشى گۇمان قوزغىغان. يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ بېلىقچىلىق كېمىلىرىنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىش ئەھۋاللىرى كۆپەيگەن. خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە ئاتالمىش خىتاي بېلىقچى كېمىلىرىنىڭ ھېقىقى مۇددىئاسىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى.