رۇسىيە يىراق شەرق تېررىتورىيىسىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەن خىتاينى يوشۇرۇن شەكىلدە ئاگاھلاندۇردى

رۇسىيە باش مىنىستىرى مېدۋىدېۋ پەيشەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق تېررىتورىيىسىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مەزكۇر تېررىتورىيىسىنى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقان تەسىرىدىن قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بايان قىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن رۇسىيىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىككى دانە سۇ ئاستى يادرو كېمىسىنىڭ تىنچ ئوكيانغا يوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

شۇڭا مېدۋىدېۋنىڭ سۆزلىرى خىتايغا قارىتا يوشۇرۇن بىر ئاگاھلاندۇرۇش دەپ قارالماقتا.

رويتىرسنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، مېدۋىدېۋ شۇ قېتىمقى سۆزىدە يەنە «تېررىتورىيىمىزدە سەلبىي ھادىسىلەرگە يەنى چەتئەل كۆچمەنلىرىنىڭ يامراپ كېتىشىگە يول قويماسلىقىمىز لازىم» دېگەن. بايقال كۆلى بىلەن سىبىرىيە ۋە تىنچ ئوكيان ئارىسىدىكى جايلار رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق تېررىتورىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى بۇ جايلارغا خىتاينىڭ كۆكتاتچىلىرى ۋە قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى كۆپ ساندا سىڭىپ كىرگەن بولۇپ، بۇ مەزكۇر رايوندىكى ۋىلادىۋوستوك قاتارلىق شەھەرلەردە خىتايچە ۋىۋىسكىلارنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولغان.

رۇسىيىنىڭ 2010-يىلدىكى نوپۇس ستاتىستىكىسىدا مەزكۇر شەھەردىكى رۇسلارنىڭ نوپۇسى 594 مىڭدىن 592 مىڭغا چۈشۈپ قالغان. رۇسىيە يىراق شەرق تېررىتورىيىسىنى خىتاينىڭ ھەرخىل خەۋپىدىن مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن مەزكۇر تېررىتورىيىسىدىكى ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنى، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا، رۇسىيىنىڭ باشقا جايلىرىدىن نوپۇس يۆتكەشنى ئويلاشماقتا.