بۇنىڭغا سەۋەب بولغان ئامىل خىتاينىڭ مەزكۇر ھۇجۇمچى ئايروپىلانىنىڭ شەكلى ۋە بەزى ئىقتىدارىنىڭ رۇسىيىنىڭ «مىگ1.44» تىپلىق ھۇجۇمچى ئايروپلانىغا ئوخشىغانلىقى ئىدى.
رۇسىيىنىڭ «ۋزگىلياد» گېزىتىنىڭ ئانالىز قىلىشىچە رۇسىيىنىڭ «مىگ» كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى ياساش ۋە پىلانلاش شىركىتى رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيىنىڭ خىتايغا ئىلغار ھەربىي ئايروپىلان تېخنىكىسىنى بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
«مىگ» شىركىتىنىڭ باياناتچىسى يېلېنا فېدوروۋا رۇسىيىنىڭ ھېچقاچان خىتاينىڭ « ج-20» تىپلىق ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلانى ياساش تېخنىكىسىغا ياردەم بەرمىگەنلىكى ھەمدە ھېچقاچان مۇنداق تېخنىكىلارنى خىتايغا بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
«ۋزگلياد» گېزىتىنىڭ ئانالىزچىسىمۇ رۇسىيىنىڭ خىتايغا ھەر قانداق ئىلغار ئاۋىئاتسىيە تېخنىكىسىنى بېرىشى مۇمكىن ئەمەسلىكى، چۈنكى ھازىر رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ دۇنيا قورال-ياراق بازىرى بىۋاسىتە رىقابەتچىلەرگە ئايلانغانلىقى، مۇنداق شارائىتتا رۇسىيىنىڭ ئۆزىنىڭ قورال-ياراق مەخپىيىتىنى خىتايغا بېرىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.
بىر قىسىم رۇسىيە ھەربىي ئىستراتېگىيە ئانالىزچىلىرى ئىزچىل تۈردە خىتاينىڭ رۇسىيىدىن سۇ-27 قاتارلىق ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى سېتىۋېلىپ، ئۆز ئارمىيىسىنى قوراللادۇرىۋاتقانلىقى ھەتتا تېخنىكىلارنى ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا مۇمكىن قەدەر خىتايغا مۇنداق ئىلغار قوراللارنى سېتىپ بەرمەسلىكنى تەشەببۇس قىلماقتا.