رۇسىيە بۇنىڭ ئۈچۈن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بۇ رايونلاردا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ۋە رۇسىيە ئىستراتېگىيىلىك بايلىقلىرىنىڭ كۆپلەپ خىتايغا ئېقىشى، كىشىلەردە نارازىلىق ھەم ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلماقتا.
يېقىندا رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋنىڭ يىراق شەرقتىكى تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى ئىسايېف رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە توختالغاندا، خىتاينىڭ رۇسىيىگە مەبلەغ سېلىشى ۋە سودا-ئىقتىسادىي ئالاقىلەرنى ئېلىپ بېرىشىدا رۇسىيە تەرەپ بەلگىلىگەن شەرتلەرگە بويسۇنۇشى لازىملىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ يېزىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتىنىڭ يىراق شەرقتىكى تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى ئىسايېف رۇسىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشى زۆرۈر، بىراق خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشتا خىتاي چوقۇم رۇسىيە بېكىتكەن شەرتلەر بويىچە بولۇشى، رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق رايونىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىقى لازىم» دېگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا يىراق شەرقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مەبلەغ سېلىشقا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم ئىمزالانغان بولۇپ، رۇسىيە تەرەپ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئائىت 57 لايىھە ئوتتۇرىغا قويغان، بىراق خىتاي 100 لايىھە ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئاران 12 لايىھىلا ئىشقا كىرىشكەن، ھەتتا رۇسىيە بىر قىسىم ھەمكارلىق لايىھىلىرى توختىتىپ قويغان.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تەبىئىي گاز باھاسىغا ئائىت سۆھبەت يەنە مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ئىككى تەرەپ تەبىئىي گاز باھاسى مەسىلىسىدە پۈتۈشەلمىگەن ئىدى.
