رۇسىيە دائىرىلىرى يېقىندا خىتاي ئېكسپورت قىلغان گۈرۈچ، يەر ياڭىقى، ئارپا يېمەكلىرىنى قايتۇرماقتا، رۇسىيە دائىرىلىرى ھازىر، ئەگەر خىتاي يېمەك ئىشلەشتە بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلمىسا، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا بۇزۇلىدۇ دەپ جاكارلىماقتا.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيىنىڭ خىتايغا چېگرىداش بولغان بايقال رايونى يېقىندا خىتاي ئېكسپورت قىلغان 180 توننا زەھەرلىك يەر ياڭىقىنى رۇسىيىنىڭ يېمەك ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ دەپ قايتۇرۇۋەتكەن. رۇسىيە خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان پېرمور رايونىدىمۇ خىتاي ئېكسپورت قىلغان 60 توننا زەھەرلىك يەر ياڭىقىنى قايتۇرۇۋەتكەن.
رۇسىيە ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنىنىڭ خادىمى ئالىكسىنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە جەنۇبىدىكى كراسنويارىسكى رايونىدىمۇ، خىتاي ئېكسپورت قىلغان 175 توننا ئارپا يېمەكلىرىنى قايتۇرۇۋەتكەن. بۇ جايدىكى تاموژنا ھازىر خىتايدىن ھەر قانداق گۆش مەھسۇلاتلىرى كىرگۈزۈشنى مەنئى قىلغان.