رۇسىيە بىلەن خىتاي بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدۈ

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيە ۋە خىتاي 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە خىتاي تەۋەسىدە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مانېۋىر خىتاينىڭ شەندوڭ ئۆلكىسى تۇتىشىدىغان سېرىق دېڭىزى رايونىدا بولىدىكەن. بۇ مانېۋىرنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئىككى دۆلەت دېڭىز ئارمىيىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇش ئىكەن. ب ب س ۋە رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە , ئىككى دۆلەت بۇ مانېۋىرغا 20 دىن ئارتۇق پاراخوت ھەمدە پاراشۇتچى قىسىملارنى توشۇيدىغان پاراخوت قاتارلىقلار قاتناشتۇرىلىدىكەن. ئەمما، بۇ قېتىم رۇسىيە ئاۋىئاماتكىلىرىنىڭ مانېۋىرغا قاتنىشىش - قاتناشماسلىقى نامەلۇم.

سېرىق دېڭىز رايونى كورىيە يېرىم ئارىلىغا تۇتىشىدۇ. يېقىندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما جەنۇبىي كورىيىنى زىيارەت قىلغان ھەمدە ئىلگىرى ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورىيە بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ئىدى.

رۇسىيە بىلەن خىتاي ئىلگىرىمۇ بىر قانچە قېتىم بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بىر قېتىم خىتاي تەۋەسىدە، يەنە بىر قېتىم رۇسىيە تەۋەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن. ئىككى تەرەپ ئاساسلىقى، قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا قىسىملىرىنى قاتناشتۇرغان ئىدى.