شىنخۇئانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مېدۋېدېۋ دالىيەندىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ قۇربانلار قەبرىسىنى زىيارەت قىلىپ، گۈلچەمبىرەك قويغان. مەلۇمكى، دالىيەن 1945 - يىلى 8 - ئايدا سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى تەرىپىدىن ياپونىيە ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغان بولۇپ، بۇ جاي تاكى 1955 - يىلىغىچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولغان، ستالىن ئۆلگەندىن كېيىن خرۇشېۋ ئۇنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى.
دالىيىئەن چار پادىشاھ دەۋرىدىن تارتىپ رۇسلارنىڭ تەسىر دائىرىسى ئاستىدىكى شەھەر ۋە مۇھىم ھەربىي ئىستراتېگىيىلىك جاي بولغان ئىدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ بۇ قېتىمقى خىتاي سەپىرىدە خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ، باش مىنىستىر ۋېن جياباۋا قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى شۇنىڭدەك شىمالىي كورىيە، ياپونىيە ۋە ئىران مەسىلىلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن
بۇ قېتىم مېدۋېدېۋ يەنە رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىكەن.
بۇ، رۇسىيە ۋە خىتاي ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ بىر يىل ئىچىدە بەش قېتىم كۆرۈشۈشى بولۇپ ھېسابلانغان بولۇپ، مېدۋېدېۋنىڭ زىيارىتى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى سودا - ئىقتىساد ۋە پۇل - مۇئامىلە ساھەسىدىكى ئىختىلاپلار كۈچەيگەن، ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سېنكاكو ئارىلىدىن كېلىپ چىققان زىددىيەت ئۆتكۈرلەشكەن شۇنىڭدەك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى خىتاينىڭ بېسىملىرىغا قارشى ئىنكاس قايتۇرغان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن.
