رۇسىيە ھەرگىز ياپونىيە ئارال مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ ياپونىيىگە قارشى تۇرمايدۇ

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى سېيجى مايىخارا بۈگۈن، ياپونىيىنىڭ شىمالىي تېررىتورىيىسى تەۋەسىدىكى كۇرىل ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى جاكارلىدى ۋە رۇسىيە پرېزىدېنتىنىڭ يەنە باشقا ئاراللارنىمۇ زىيارەت قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىغا قارىتا 'رۇسىيە پرېزىدېنتى ياپونىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى تالاش -تارتىشتىكى ئاراللارغا قەدەم بېسىشنى توختىتىشى كېرەك' دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدىف 11‏ - ئاينىڭ 1‏ - كۈنى كۇرىل ئاراللىرىنىڭ بىرىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ياپونىيە بۇنىڭغا جاۋابەن، ياپونىيىنىڭ رۇسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن رۇسىيە دائىرىلىرى، رۇسىيە ھەرگىزمۇ ياپونىيە بىلەن بولغان ئارال مەسىلىسىدە، خىتاي بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ ياپونىيىگە قارشى تۇرمايدۇ، ئەگەر ياپونىيە بىلەن ئارال تالاش - تارتىشى تۈپەيلىدىن، رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر يەتسە، يىراق شەرقتىكى رايونلارغا مەبلەغ سېلىشنى خىتاي چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىشى مۇمكىن، دېگەن.