رۇسىيىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش يۈز بەردى

31 - ئىيۇل كۈنى رۇسىيىنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە ئۆكتىچىلەرنىڭ ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەركىنلىكنى قوغداشنى مۇددىئا قىلغان نامايىشلىرى يۈز بەردى. بۇ نامايىشلار رۇسىيە ئاساسىي قانۇننىڭ 31 - ماددىسى بىئەن باغلىنىشلىق بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەركىن يىغىلىش ۋە ئەركىن سۆزلەشكە ئائىت مەزمۇنلار بار. رۇسىيە ئۆكتىچىلىرى ھۆكۈمەتنى "بۇ ماددىنى كاپالەتكە ئىگە قىلمىدى"، دەپ ئەيىبلىگەن.

رۇسىيىنىڭ " نېۋسرۇ" ئۇچۇر تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، موسكۋادىكى ترىئۇمفالنجي مەيدانى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا رۇسىيە ئۆكتىچىلىرىدىن بورىس نېمسوف قاتارلىقلار يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، 1500 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان. نامايىش ساقچىلارنىڭ تارقىتىۋېتىشىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئۆكتىچى سىياسىيون بورىس نېمسوف، سول قاناتلار فرونتىنىڭ رەھبىرى كونىستانتىن كوسىيىكىن قاتارلىق 70 تىن ئارتۇق ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان، بىراق، ئامېرىكىنىڭ سنن تېلېۋىزىيىسى بولسا، كەم دېگەندە 135 ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، نامايىشنىڭ رۇسىيىنىڭ 10 نەچچە شەھىرىدە يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. بىراق، ئۆكتىچىلەر بۇنداق نامايىشىڭ ئوخشاش بىر كۈندە رۇسىيىنىڭ 40 شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بىر قىسىم ئۆكتىچىلەر ھەتتا باش مىنىستىر ۋلادىمىر پۇتىننى ئىستىپاغا چاقىرغان بولۇپ، بۇنداق چاقىرىق ئىلگىرىكى نامايىشلاردىمۇ تەكرارلانغان ئىدى.