رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشچىلار رۇسىيە كومپارتىيىسىنىڭ قىزىل بايراقلىرىنى ۋە پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى ھۆكۈمەتنىڭ يېقىندىن بۇيان قاتناش، داۋالىنىش، يېمەك - ئىچمەك ۋە باشقا ساھەلەر بويىچە مال - باھاسىنى ئۆستۈرگەنلىكىدىن نارازى بولغان.
رۇسىيە كوممۇنىستلىرى يەنە ھۆكۈمەتتىكى چىرىكلىك ۋە پارىخورلۇقنىمۇ تەنقىد قىلغان.
نۆۋەتتە، كوممۇنىستىك پارتىيە رۇسىيە پارلامېنتىدىكى ئاساسلىق پارتىيىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بىلدۈرۈشلەرگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كوپ ساندىكى قوللىغۇچىلىرى يەنە شۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كوممۇنىستلىرى، بولۇپمۇ چوڭ ياشتىكىلەر، پېنسىيىگە چىققانلار ئىكەن. چوڭ ياشتىكى بۇ ئەۋلاد سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى سېغىنىپ، كومپارتىيىنى قوللايدىكەن ھەم نامايىشلارنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىلىرى ئىكەن.