خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، نامايىشنى رۇسىيە كوممۇنىستلار پارتىيىسى ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، مەزكۇر نامايىشقا يەنە موسكۋادىن باشقا ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرىمۇ كېلىپ ئىشتىراك قىلغان.
نامايىشچىلار رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ساھەلەر بويىچە باھانى ۋە باجنى ئۆستۈرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ۋىلادىمىر پۇتىننى ئىستىپا بېرىشكە چاقىرىدىغان نامايىش ئالدىنقى ھەپتىلەردىمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ نامايىشنى ئاساسلىقى كوممۇنىستلار تەشكىللىگەن ئىدى. ئىلگىرى رۇسىيە كوممۇنىستلىرى ئايرىم نامايىش تەشكىللىگەن بولسا، بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ سېپىغا ئەركىن دېموكراتلار ۋە باشقا ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭمۇ قوشۇلۇۋاتقانلىقى، بۇ پارتىيىلەرنىڭ رۇسىيىدە دېموكراتىيىنىڭ چېكىنىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
پۇتىن ئىلگىرى ئىككى نۆۋەت پرېزىدېنت بولغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇش بىلەن يەنىلا رۇسىيە ھاكىمىيىتىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.