ب ب س نىڭ رۇس شۆبىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئارخاڭېلسكىيدىكى بۇ نامايىشقا بىر قانچە مىڭ ئادەم قاتناشقان بولۇپ، بۇ مەزكۇر ئوبلاستنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك نامايىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ قېتىمقى نامايىشنى رۇسىيە كوممۇنىستلار پارتىيىسىنىڭ يەرلىك ئورگانلىرى تەشكىللىگەن بولۇپ، ھۆكۈمەتتىن رازىلىق ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق ساقچىلار نامايىشچىلارغا چېقىلمىغان. بۇ قېتىمقى نامايىشتىكى ئاساسلىق تېما باھانىڭ قالايمىقان ئۆستۈرۈلۈشى، جۈملىدىن ئېلىكتىر، يېقىلغۇ، ئىسسىق سۇ قاتارلىقلارنىڭ باھاسىنىڭ كوپ ھەسسە ئۆستۈرۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. ئارخاڭېلسكىي ئوبلاستىدا بۇ يىل 2 - ئايدىمۇ بىر قېتىم نامايىش يۈز بەرگەن ئىدى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە يەكشەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ جەنۇبى ساخالىن شەھرىدىمۇ 600 ئادەم نامايىش قىلىپ، ھۆكۈمەتتىن تۇرالغۇ جايلارنىڭ مۇلازىمەت باھاسىنى تۆۋەنلىتىشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىركۇتسك شەھىرى ۋە موسكۋادا بايقال كۆلىنىڭ ئېكىلوگىيىسىنى قوغداش ھەققىدە نامايىشلار يۈز بەرگەن.
رۇسىيە خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا، رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدىۋ يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان رۇسىيىنىڭ كوپ جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان نارازىلىق نامايىشلىرى تۈپەيلىدىن مۇئاۋىن باش مىنىستىرىنى چاقىرىپ، باھانىڭ قالايمىقان ئۆستۈرۈلۈشىنى كونترول قىلىش لازىملىقىنى تەلەپ قىلغان.
