ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يېڭى كىتاب: 'بېرىيانىڭ ئۇرانلىرى، شەرقىي تۈركىستان كرېمىلنىڭ ئاتوم پىلانىدا'

يېقىندا موسكۋادىكى ۋېچې نەشرىياتى قازاقىستانلىق ژۇرنالىست ۋە تارىخچى ۋادىم ئوبۇخوۋنىڭ"بېرىيانىڭ ئۇرانلىرى، شەرقىي تۈركىستان كرېمىلنىڭ ئاتوم پىلانىدا" ماۋزۇلۇق كىتابىنى نەشىر قىلدى.

مەزكۇر كىتابتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىدىكى ئاتوم بومبىسى ياساش پىلانى ۋە بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى ئۇراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىممەتلىك يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئېلىپ كېتىپ پايدىلانغانلىقى، ستالىن ۋە بېرىيا رەھبەرلىك قىلغان ئاتوم بومبىسى پىلانىغا ئائىت نۇرغۇن سىرلارنىڭ تاكى ھازىرغىچە ئاشكارىلانمىغانلىقى، نېمە سەۋەبتىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، بېرىيا ئۆلگەندىن كېيىن بۇ پىلاننىڭ تەقدىرى ۋە ماۋزېدوڭنىڭ قانداق قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن ئاتوم بومبىسى ياساش مۇمكىنچىلىكىگە ئېرىشكەنلىكى قاتارلىق كۆپلىگەن مەزمۇنلار سۆزلىنىدۇ.

ئاپتورنىڭ بۇ ئەسەرنى يېزىش ئۈچۈن ئاشكارا ئېلان قىلىنغان ئارخىپ ماتېرىياللىرى، تۈرلۈك ماقالىلار ۋە كىتابلاردىن پايدىلانغانلىقى مەلۇم.

ئاپتور بۇنىڭدىن ئىلگىرى "ئالتە ئىمپېرىيىنىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن كۈرىشى" ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلغان بولۇپ، بۇ ئەسەردە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي كۈرەشلىرىدىكى رولى ۋە ئورنى سۆزلىنىدۇ ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق ھەرىكەتلىرىدىن قانداق پايدىلانغانلىقىغا ئائىت سىرلار پاش قىلىنىدۇ ۋە پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.