سانكتپېتېربۇرگ شەھىرىدە ئانا تىل خاتىرىسى

رۇسىيىنىڭ سانكتپېتېربۇرگ شەھىرىدىكى مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ھەمراجان ئەپەندى ۋە باشقىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقى بىلەن يېقىندا دۇنيا ئانا تىلى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن سانكتپېتېربۇرگ شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، " ئانا تىل بايلىقىم" دېگەن نام ئاستىدا ئۇيغۇر تىلىنى قەدىرلەش ۋە ئۇنى ئۆگىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

بۇ پائالىيەت ھەققىدىكى سۈرەتلىك خەۋەر "ۋەتىنىم" قاتارلىق ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جامائەت ئارىسىدا كۈچلۈك ياخشى تەسىرات قوزغىغانلىقى مەلۇم. ھەمراجان ئەپەندى قازاقىستاندا تۇغۇلۇپ، 15 يېشىدا يۇرتىدىن ئايرىلىپ، 40 يىللاردىن بۇيان رۇسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسىدۇر.

ھەمراجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە 50 كە يېقىن ئادەم قاتناشقان. ئۇ كىچىك ۋاقتىدا رۇسلارنىڭ ئارىسىدا ياشاپ، ئانا تىلىنى سۆزلەش ۋە ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۆز ئانا تىلى ھېسابلانغان ئۇيغۇر تىلىنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالماسلىق قارارىغا كېلىپ، ئۆزلىكىدىن تىرىشىپ، ئۇنى ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرغان.

سانكتپېتېربۇرگ شەھىرىدىكى ئۇزۇن يىللىق ھاياتىدا پەقەت ئۆزىلا ئانا تىلىنى ئۆگىنىپ قالماستىن يەنە مەخسۇس ئۇيغۇر ۋە رۇس تىللىرىدا ئىنتېرنېت تور بېتى ئېچىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، قەھرىمان شەخسلىرى، مەدەنىيىتىنى تەرغىپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش سەھىپىسى ئېچىپ، رۇسىيە

ۋە باشقا جايلاردىكى ئانا تىلى ماكانىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىشقا تىرىشقان.