مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى پروفېسسور ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش پروگراممىسى بويىچە خىتاينىڭ خاربىن شەھىرىدىكى تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۇرغان ئىكەن.
روسىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى ئۇلارنى "دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىپ، جاسۇسلۇق قىلىش" جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغان. ھازىر بۇ ئىككى تەتقىقاتچى روسىيە فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ تۈرمىسى - لېفورتوۋو تۈرمىسىدە تەكشۈرۈلمەكتە.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ۋەقە ۋونمېخ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زور تەسىر پەيدا قىلغان. ئۇنىۋېرسىتېت دائىرىلىرى بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان. روسىيە ساقچى دائىرىلىرى ھازىر بۇ ئىككىيلەن ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر ئۇلارنىڭ جىنايىتى دەلىللەنسە، ئۇلار 20 يىلغىچە بولغان قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.