رۇسىيەنىڭ چىتا شەھرىدە بىر خىتاي كارخانىچى ئۆلتۈرۈلگەن

رۇسىيە تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيە فېدىراتسىيەسىنىڭ سىبىرىيە رايونىدىكى خىتاي - موڭغولىيە چىگرىسىغا يېقىن كېلىدىغان چىتا شەھىرىدە سودا قىلىدىغان مەشھۇر بىر خىتاي كارخانىچىسى ئۆلتۈرۈلگەن.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە ئۆلتۈرۈلگەن خىتاي كارخانىچىنىڭ ياڭ شىڭگو ئىسىملىك خىتاي سودىگەر بولۇپ، چىتا شەھىرىدىكى شياياڭ سودا مەركىزىنىڭ باش مۇدىرى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ مەزكۇر شەھەردىكى بىر قانچە يەردە سودا سارىيى ۋە زور كۆلەملىك تىجارىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

چىتا تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى، ياڭ شىڭگونىڭ جەسىتى، ئۇ ئولتۇرىدىغان بىنادىكى لېفىتنىڭ بوسۇغۇسىدا بايقالغانلىقىنى، مەيدە ۋە قوساق قىسىمىدا پىچاق زەربىسىنىڭ ئىزى بارلىقى، ئۇنىڭ 25 ‏- چىسلا چۈش سائەت 12:00 لەردە ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۈمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. چىتا تەپتىش مەھكىمىسىدىكى يۇقىرىقى ئەمەلدار، "نۆۋەتتە ساقچىلار سۇيقەستنىڭ مەقسىدىگە ئائىت ھەر خىل ئىھتىمالىقلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى"نى، جۈملىودىن بۇ ۋەقەگە "خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ ئارىسىدىكى تىجارى ئىختىلاپلارنىڭ سەۋەب بولۇش ئىھتمالى بارلىقى"نى تەكىتلىگەن.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە يېقىندىن بېرى رۇسىيەدە خىتاي سودىگەرلىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، بۇ يىل 7 ‏- ئايدا يۈز بەرگەن بىر ۋەقەدە چىتادىكى بىر خىتاي رېستۇرانىنىڭ خوجايىنى ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.

سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ رۇسىيە - خىتاي مۇناسۋىتى نورماللىشىشكە باشلىغاندىن كېيىن، رۇسىيە سودىگەر قىياپىتىدىكى رۇسىيەدە ئۇزۇن مەزگىللىك ئولتۇراقلىشىشنى مەقسەد قىلغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەن. بۇ ئەھۋال ئۇزۇندىن بېرى رۇسىيە "ۋەرەنپەرۋەرلىرى"نى بىئارام قىلىپلا قالماي، يېقىندىن بېرى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.

رۇسىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا موسكۋادىكى بىر خىتاي بازىرىنى تاقاپ، موسكۋادا قانۇنسىز ياشاۋاتقان خىتايلارنى تازىلىغان. خەۋەرلەردە چىتادا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى، سۈيقەستنىڭ مەقسىدى تېخى ئايدىڭشلاشمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.