مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا كۆپلىگەن تالانت ئىگىلىرى يېتىشىپ چىقىپ، قازاقىستاندا كۆزگە كۆرۈنمەكتە. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بەزى تەنھەرىكەت ماھىرلىرىمۇ بار بولۇپ، زاكىر توختىيېفقا ئوخشاش بىر قىسىم ئۇيغۇر ماھىرلىرى ئاسىيا ۋە دۇنيا چېمپىيونلۇق شەرەپلىرىگە ئېرىشكەن ئىدى.
«ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، رۇسلان تۇغلۇقوف ياپونچە ئېلىشىش تەنھەرىكىتى-كاراتې بويىچە كۆپ قېتىم ناھىيە، ۋىلايەت ۋە جۇمھۇرىيەتلىك مۇسابىقىلەردە رەقىبلىرىنى يەڭگەن ھەمدە 2005-2007-يىللىرى ئارىسىدا قازاقىستان بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مۇسابىقىلىرىدە ئۇدا ئالتۇن مېدال ئالغان.
ئۇ ، 2008-يىلى قازاقىستان بويىچە ياشلار ئارىسىدا « يىلنىڭ ئەڭ ياخشى پالۋىنى» شەرىپىگە ئېرىشكەن.
7 يېشىدىن تارتىپ كاراتې مەشىقى قىلغان، قارا بەلۋاغلىق رۇسلان ھازىر ئالمۇتا باھا باشقۇرۇش ئالىي تېخنىكومىنىڭ 2-كۇرس ئوقۇغۇچىسىدۇر. ئۇنىڭ كەسپىي باشقا بولسىمۇ، بىراق تەنھەرىكەت ئۇنىڭ سۆيگەن كەسپى ئىكەن. شۇڭا ئۇ بوش ۋاقىتنىڭ ھەممىسىنى مەشىققە قاراتقان بولۇپ، ئۇنىڭ دۇنياۋى مۇسابىقىلەردە چېمپىيون بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن شەرەپ قۇچۇش ئارزۇسى كۈچلۈك ئىكەن.