بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ئابدۇللا سالىھ جۈمە كۈنى ئۇنىڭ ئوردىسىدا ئۇچرىغان راكېتا ھۇجۇمىدا يارىلانغان بولۇپ، ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئوپېراتسىيە قىلىنىدىكەن.
سالىھ كەتكەندىن كېيىن، مۇئاۋىن پرېزىدېنت ئابىد راببو مەنسۇر ھادى ئاساسىي قانۇن بويىچە دۆلەتنى ۋاقىتلىق ئىدارە قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدىكەن.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر سالىھنىڭ ساقىيىپ بولغاندىن كېيىن يەمەنگە قايتىپ كېلىش-كەلمەسلىكى بىر مۇھىم مەسىلىسى بولۇپ، تەھلىلچىلەر ئەگەردە سالىھ قايتىپ كەلمىسە، يەمەندە سالىھنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن مۇئاۋىن پرېزىدېنت ئارىسىدا ھەمدە سالىھنى ھوقۇقتىن چۈشۈشنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئۆكتىچىلەر ئارىسىدا بىر مەيدان ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.
مۇئاۋىن پرېزىدېنت ھادىنىڭ قولىدا ھەربىي ھوقۇق بار بولۇپ، ھازىر يەمەن ئۇرۇش پارتلاش ھالىتىگە كېلىپ قالغان ئىكەن.
ئەسلىدە، سالىھ 30 كۈن ئىچىدە ھوقۇقتىن چۈشۈپ، ھوقۇقنى ئۆكتىچىلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە رازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
سالىھنىڭ دۆلەتتىن كېتىشى كىشىلەرنى تەنتەنىگە چۆمدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا يېڭى ئەندىشىلەرنىمۇ قوزغىماقتا ئىكەن.
يەمەندىكى نامايىشلار تىنچ شەكىلدىن قەدەم-قەدەم زوراۋانلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىشكە ئۆتكەن ئىدى.