سامسۇڭ شىركىتى ئەمگەك قانۇنىغا ئەمەل قىلىنمىسا خىتاي بىلەن تۈزگەن توختاملىرىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

نيۇ-يوركتىكى خىتاينىڭ ئەمگەك ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ يىل ئاۋغۇستتا دوكلاتتا ئېلان قىلىپ، سامسۇڭ ئېلېكتر شىركىتىنىڭ خىتايدىكى تارماقلىرىدا ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئەمگەك سېلىنىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ناچار ئەمگەك مۇھىتىدا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سامسۇڭ ئېلېكتر مەھسۇلاتلىرى شىركىتى يېقىندا خىتايدىكى 144 تارماق شىركەت ۋە فابرىكىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. شىركەت تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئۆز تارماقلىرىدا بالىلارنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنىڭ بايقالمىغانلىقىنى، ئەمما، ئىشچىلارنى ۋاقىت جەھەتتە نورمالدىن تاشقىرى ئىشلىتىش، كېچىككەن ۋە كەلمىگەنلەرگە جازا قويۇش قاتارلىق ئەمگەك قانۇنىغا خىلاپ ئەھۋاللارنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شىركەت بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، خىتايدىكى تارماقلىرىدا بۇنىڭدىن كېيىن ئىش تۈزۈمىنى يېڭىلاش ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىن راستىنىلا بالىلارنىڭ ئەمگەككە سېلىنغانلىقى بايقالسا، ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى تارماق شىركەتلەر بىلەن تۈزگەن ئىش توختاملىرىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سامسۇڭ ئېلېكتر سايمانلىرى شىركىتى جەنۇبى كورىيىنىڭ بىر شىركىتى بولۇپ، ئۇ 150 دىن ئارتۇق دۆلەتتە مۇلازىمەت قىلىدۇ.