سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى مېكسىكىدا ئېچىلدى

سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى بۈگۈن مېكسىكىنىڭ دېڭىز بۇيىدىكى لوس كابوس سەيلىگاھىدا ئېچىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىككى كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچۇرۇشۇش دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتىدىن گۈللىنىش سۈرئىتى تېخىچە ئاستا، بەلكى يەنە تۆۋەنلەپ كېتىش خەۋپى مەۋجۇت ئەھۋال ئاستىدا ئېچىلدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىغىندىكى بۈگۈنكى مۇزاكىرىلەر، قانداق قىلىپ ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش ۋە خىزمەت پۇرسەتلىرى يارىتىش دېگەن مەسىلىگە مەركەزلەشكەن.

مېكسىكا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناس پروفېسسورى كلايمونت دۇلاننىڭ قارىشىچە، بۇ يىغىندا فرانسىيە پرېزىدېنتى ھوللاند ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامالارنىڭ ئىقتىسادنى قوزغىتىش تەشەببۇسى بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگىلا مېركېلنىڭ چىقىمنى قىسقارتىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىسىدا قاتتىق تېرىكىشىش كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بار.