ئەڭ چوڭ ساختا دورا ئىشلەش-سېتىش دېلوسى خېنەندە ئاشكارىلاندى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خېنەن ساقچىلىرى 11‏-ئاينىڭ 1‏-كۈنى كەيفېڭ شەھىرىدە، ساختا دورا سېتىش جىنايىتى سادىر قىلغان 114 ئادەمنى قولغا ئالدى. ئۇلاردىن ئالتە مىڭ بەش يۈز قوتا ساختا دورىنى نەق مەيداندا مۇسادىرە قىلدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011-11-02
Share

خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ، خىتايدا 1949‏-يىلىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ ساختا دورا ئىشلەش ۋە سېتىش دېلوسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ دېلونىڭ يىپ ئۇچى بۇ يىل 4 ‏-ئايدا، بازاردىكى چوڭ دورىخانىغا كىرگەن بىر ئايال قولىدىكى ساختا دورىنى دۇكاندىكى راست دورىغا ئالماشتۇرۇۋالغاندا بايقىلىشقا باشلىغان ئىكەن.

يىللاردىن بۇيان خىتايدا دورا بىخەتەرلىكى بىر چوڭ مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە. 2008‏-يىلى 6 نەپەر بوۋاق ئۆلگەندىن كېيىن ئاندىن زەھەرلىك سۈت پاراشۇكى بايقالغان ئىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەۋرەز مېيىدا ئىشلەنگەن يېمەك بايقالدى.

ھازىر شاڭخەينى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا يېمەك-دورا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كايسى خانىم، خىتاي دائىرىلىرىگە، ئامېرىكىغا چىقىرىلىدىغان دورا-يېمەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت