خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ، خىتايدا 1949-يىلىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ ساختا دورا ئىشلەش ۋە سېتىش دېلوسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ دېلونىڭ يىپ ئۇچى بۇ يىل 4 -ئايدا، بازاردىكى چوڭ دورىخانىغا كىرگەن بىر ئايال قولىدىكى ساختا دورىنى دۇكاندىكى راست دورىغا ئالماشتۇرۇۋالغاندا بايقىلىشقا باشلىغان ئىكەن.
يىللاردىن بۇيان خىتايدا دورا بىخەتەرلىكى بىر چوڭ مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە. 2008-يىلى 6 نەپەر بوۋاق ئۆلگەندىن كېيىن ئاندىن زەھەرلىك سۈت پاراشۇكى بايقالغان ئىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەۋرەز مېيىدا ئىشلەنگەن يېمەك بايقالدى.
ھازىر شاڭخەينى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا يېمەك-دورا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كايسى خانىم، خىتاي دائىرىلىرىگە، ئامېرىكىغا چىقىرىلىدىغان دورا-يېمەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويدى.