شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بەزى بالىلارنى ئائىلىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇش قىيىنغا توختاۋاتقانلىقى، قۇتۇلدۇرۇۋېلىنغان بالىلارنىڭ 75 % ئىنىڭ ئائىلىسى ئىنتايىن نامرات بولۇپ، يىللىق كىرىمى 5000 يۈەنگە يەتمەيدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ تىرىكچىلىك بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمايدىغانلىقى، پسىخولوگىيىلىك پەرۋىشكە موھتاج بولغان بۇ بالىلاردا بولسا ئائىلە تۇيغۇسىنىڭ يوقلۇقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 4-ئايدىن باشلاپ ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلارنى قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، 1332 نەپەر بالىنى قايتۇرۇپ كەلگەن. لېكىن تەرەپسىز مەنبەلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ سەرگەردان بالىلارنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ قۇربانى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى تەكلىپ بېرىپ، بۇ مەسىلىنى ئەدلىيە ۋە مەمۇرى تۈزۈم قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى، ئاتا-ئانىلىق بۇرچىنى ئادا قىلمىغان ئائىلىلەرنى قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىق ھوقۇقىنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.