ساختا تېررور ئۇچۇرى خىتاي ئايروپىلان خادىملىرى ۋە دائىرىلەرنى يەنە پاتىپاراق قىلدى

ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا قاراپ ئۇچقان خىتاينىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى تاپشۇرۇۋالغان بىر تېررور ئۇچۇرى سەۋەبلىك لەنجۇ ئايرودرومىغا قونۇشقا مەجبۇر بولغان.

سائەت 17 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە لەنجۇغا قونغان ئايروپىلان 5 سائەتلىك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن كېيىن تەكرار ھاۋالانغان. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئىستانبۇلدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، بېيجىڭغا قاراپ ئۇچقان مەزكۇر ئايروپىلاندا 186 يولۇچى ۋە ئون نەچچە نەپەر مۇلازىمەتچى بار بولۇپ، ئايروپىلان لەنجۇغا قونغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئايروپىلان خادىملىرى ئايروپىلاندىن ئايرىلغان؛ ئاندىن خىتاي ج خ ۋە ئالاھىدە قوراللىق قىسىملىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى ئايروپىلان ئىچىدىكى يۈك ۋە يولۇچىلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، تاپشۇرۇۋېلىنغان تېررورلۇق ئۇچۇرىنىڭ ساختىلىقى مەلۇم بولغان. خىتايچە شىنلاڭ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تېررورلۇق تەھدىتى ھەققىدە ساختا ئۇچۇر يوللىغان ۋاڭ فامىلىلىك كىشى قولغا ئېلىنغان.

بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئايروپىلان بىخەتەرلىكى سەۋەبىدىن تۇنجى قېتىم پاتىپاراقچىلىققا چۈشۈشى ئەمەس؛ شۇڭا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىئومىزدا پىكىر بايان قىلىپ، ئادالەتسىزلىك بار يەردە خاتىرجەملىكنىڭ مەۋجۇت بولالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ خىتاي دائىرىلىرىگە خىتاب قىلىپ، ئۇلارنى ئەنسىزچىلىكتىن خالىي ياشاش ئۈچۈن رايوندىكى مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى.