خىتاي دائىرىلىرى قەشقەردە ئېچىلغان مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا 3 يىلدىن 5 يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا قەشقەردىكى 7 ساياھەت ئورنىنى خەلقئارا سەۋىيىدىكى نۇقتىلىق ساياھەت ئورنى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆزگەرتىپ ياساپ چىقىلىدىغان بۇ 7 ئورۇننىڭ ئىچىدە ئىپارخان مەقبەرىسى، ھېيتگاھ مەسچىتى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە يەنە يۇمىلاق شەھەر سارىيى، بەن چاۋ خاتىرە باغچىسى، توققۇز ئەجدىھا بۇلىقى ساياھەت ئورنى قاتارلىق خىتايلار تەرىپىدىن كېيىن ياساپ چىقىلغان ساياھەت ئورۇنلىرىمۇ بار ئىكەن.
ئەمما، بۇ ئورۇنلارنىڭ ئىچىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولغان مۇتەپەككۇر ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇد قەشقىرىنىڭ مەقبەرىسى بولسا ئورۇن ئالمىغان. "تۈركىي تىللار دىۋانى" نىڭ يازغۇچىسى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ مەقبەرىسى دۇنيادىكى نۇرغۇن تەتقىقاتچىلارنىڭ ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ قىزىقىدىغان ئورنى بولۇپ، يېقىندا خىتايدىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلىمۇ قەشقەردىكى مەھمۇت قەشقىرى مەقبەرىسىنى ئالاھىدە زىيارەت قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى بايلىقى بولغان تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ مۇئەللىپى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلغانلىقىدىن قاتتىق ھاياجانلانغانلىقىنى ئېيتقان ۋە تۈركىيىنىڭ بۇ مەقبەرىنى كېڭەيتىپ ياساش ھەققىدىكى تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى.
تۈركىيىدىكى نۇرغۇن تېلېۋىزىيە قاناللىرىمۇ بۇ مەقبەرە ھەققىدە كۆپ قېتىم خەۋەر بەرگەن ئىدى.
ئىگىلىنىشىچە، قەشقەر خىتايدىكى 10 چوڭ ساياھەت شەھىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 2010- يىلى 2 مىليون 350 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان.