«دياۋيۈي ئارىلىنى قوغداش كومىتېتى» نىڭ 14 ئەزاسى پاراخوت بىلەن سېنكاكۇ ئارىلىغا بېرىپ، خىتايلار دياۋيۈيداۋ، دەپ ئاتايدىغان ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشتىكى مەزكۇر ئارالنىڭ خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكىنى داۋا قىلغان ئىدى. بىراق ياپونىيە تەرەپ ئارالغا چىققان 7 نەپەر خىتاينى ۋە پاراخوتتىكى قالغان 7 كىشىنى بىراق قولغا ئېلىپ، ئۇلارنى ئوكىناۋا ناھىيىسىگە ئېلىپ بارغان.
ساقچىلار بۇ كىشىلەرنىڭ ياپونىيە چېگرا ۋە مۇساپىرلار قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «دياۋيۈي ئارىلىنى قوغداش كومىتېتى»نىڭ ئەزالىرى يەكشەنبە كۈنى سېنكاكۇ ئارىلىغا قاراپ يولغا چىقىپ، چارشەنبە كۈنى ئارالغا يېتىپ بارغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى دەل ياپونىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە تەسلىم بولغان كۈنگە توغرا كەلگەن. ياپونىيىنىڭ بۇ كىشىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. بىراق ئۇ، 2006-يىلى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ۋەقەدە قولغا ئېلىنغان خىتايلارنى كېيىنرەك جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدى.
ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىك ئەمەلدارىنى چاقىرتىپ، مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە سۆزلەشكەن. خىتاي بىلەن تەيۋەن سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئۆزلىرىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق يېقىندىن بۇيان تەرەپلەرنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى ئىختىلاپى كۈچەيگەن. خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بو يىڭ بۈگۈن ياپونىيىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ئارىلىدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقى، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ۋە دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.