شىنزۇ ئابې: ياپونىيە سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى مۇرەسسە قىلمايدۇ
2013.01.11
شىنزۇ ئابې: خەلقئارا جەمئىيەتتە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان خىتايدەك بىر دۆلەتنىڭ سىياسىي مەقسەتنى چىقىش قىلىپ، خىتاي ئىقتىسادىغا ھەسسە قوشۇۋاتقان ياپونىيە كارخانىلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىشى ۋە ياپونىيە ۋەتەنداشلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى بىر خاتالىق، دەپ كۆرسەتكەن.
شىنزۇ ئابې، بۇ خىل ھەرىكەت ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «ئورتاق ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەت ئاساسىغا قۇرۇلغان مۇناسىۋەت ئۆز-ئارا ھۆرمەتنى تەلەپ قىلىدۇ. مەن ئورتاق ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەت ئاساسىغا قۇرۇلغان بۇ خىل مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالايمەن» دېگەن.
ئۇ، ياپونىيىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى ئۈستىدە مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دېڭىز ۋە تۇپراق تەۋەلىكىمىزنى قوغداش ئىرادىمىزدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ، دېگەن.
بىراق خىتاي شىنزۇ ئابېنىڭ تەنقىدىنى رەت قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شىنزۇ ئابېنىڭ سۆزىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىدىكى ھازىرقى قىيىنچىلىقنى پۈتۈنلەي ياپونىيە تەرەپ كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىز ياپونىيە تەرەپنىڭ رېئاللىققا يۈزلىنىشىنى، سەمىمىيىتىنى كۆرسىتىپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ مۇۋاپىق ھەل قىلىنىشىغا كونكرېت تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز، دەپ تەكىتلىگەن.