خىتاي ھەم تەيۋەن دائىرىلىرى توكيونىڭ سېنكاكو ئارىلىنى سېتىۋېلىش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ياپونىيە ئەمەلدارى سىنتارو ئىسىخارا 16-ئاپرېل كۈنى توكيو شەھىرىنىڭ شەخسلەر ئىگىدارچىلىقىدىكى سېنكاكو ئارىلىنى سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بۇ قارار ياپونىيىدىكى 93% كىشىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

ئەمما سىنكاكو ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ھەم تەيۋەننىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

17-ئاپرېل كۈنى توكيو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن خىتاي باياناتچىسى ليۇ مىڭ سېنكاكو ئارىلىنىڭ خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ياپونىيە تەرەپنىڭ ھەرقانداق ۋاسىتە ئارقىلىق، ئارالغا ئىگە بولۇشىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن قانۇنسىز قىلمىش دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئوخشاش بىر كۈندە تەيۋەن تەرەپمۇ نارازىلىق باياناتى بېرىپ، ياپونىيە ئەمەلدارىنىڭ سېنكاكو ئارىلى ھەققىدىكى بۇ خىل بايانلىرىنىڭ تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سېنكاكو ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ياپونىيە، خىتاي، تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى تالاش ‏-تارتىشلارغا سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ، شەرقىي دېڭىز رايونىدا زور تۈركۈمدىكى نېفىت ھەم تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالغاندىن كېيىن ئارالغا بولغان ئىگىدارچىلىق مەسىلىسى ھەققىدىكى تالاش ‏-تارتىشلار تېخىمۇ كۈچەيمەكتە.