سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ئىختىلاپى ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىر ياپون پۇقراسىدىن ئارالنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئىلگىرىلەپ ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن ئىدى. شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق ياپونىيە كونسۇلخانىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بېرى، خىتايلارنىڭ ياپون پۇقرالىرىغا پاراكەندىلىك سېلىش ۋەقەلەر كۆپ قېتىم يۈز بېرىپ، ياپونىيە كابىنېت مىنىستىرى ئوسامۇ فۇجىمورى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن خىتايدىكى ياپون پۇقرالىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئارالنى سېتىۋېلىشىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، 6 چارلاش پاراخوتىنى سېنكاكۇغا ئەۋەتكەن ئىدى.
ياپونىيە دېڭىز قوغداش دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە چارلاش پاراخوتلىرى ئارال ئەتراپىغا ئۈسۈپ كىرگەن خىتاي چارلاش پاراخوتلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي چارلاش پاراخوتلىرىمۇ ياپونىيە كېمىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئارال ئەتراپىدىن يىراقلىشىشىنى تەلەپ قىلغان. بىراق جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن ھاۋا رايى سەۋەبىدىن خىتاي چارلاش پاراخوتلىرى ئارالدىن 24 دېڭىز مىلى يىراقلىققا چېكىنگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي، سېنكاكۇغا چارلاش پاراخوتى ئەۋەتكەنلىكىنى ئاقلاپ، ئارالغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى نامايان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق ياپونىيە كابىنېت مىنىستىرى فۇجىمورى، خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى«ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىغۋاگەرچىلىك ۋە ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق ھەرىكەت» دەپ تەنقىد قىلغان.
