خەلقئارا پۇل مۇئامىلە فوندىنىڭ باشلىقى راجاد خىتاي ۋە ياپونىيىنى ئاراللار تالاش-تارتىشىنى تېزلىكتە ھەل قىلىشقا چاقىردى

خەلقئارا پۇل مۇئامىلە فوندى ئىمف نىڭ باشلىقى راجاد خىتاي ۋە ياپونىيىنى ئاراللار تالاش-تارتىشىنى تېزلىكتە ھەل قىلىشقا چاقىردى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.10.11

راجاد خانىم پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، يېقىندىن بۇيان بارغانچە كەسكىنلىشىۋاتقان خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىنىڭ بۇ ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىغىلا ئەكس تەسىر كۆرسىتىپ قالماستىن، بەلكى دۇنيا ئىقتىسادىدىمۇ چېكىنىش پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، راجاد خانىم يەنە بۇ قېتىم خەلقئارا پۇل مۇئامىلە فوندىنىڭ يىغىنىغا كەلمىگەن خىتاي مالىيە مىنىستىرى شىې جىيۇ بىلەن خىتاي مەركىزى بانكىسىنىڭ باشلىقى جۇ شياۋچۈەننى ئەيىبلەپ «ئۇلار دۇنيا ئىقتىسادى ھەققىدە مۇنازىرە قىلىدىغان مۇھىم پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويدى» دېگەن. راجاد خانىم يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ، سېنكاكۇ ئاراللىرى مەسىلىسىدىكى تالاش-تارتىش تېزلىكتە ھەل قىلىنمىسا، بۇ سەۋەبتىن خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ زور زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدىكى تالاش-تارتىشلار كۈچەيگەندىن بۇيان، ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت جىددىيلىشىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىدىمۇ زور چېكىنىش بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.