ئۇ مۇنداق دېگەن «ئىقتىساد، زاۋۇت قۇرۇشتىن ئىبارەتلا، ساددا بىر جەريان ئەمەس، خىتاينىڭ ئىقتىسادى ساھەسىدە نۇرغۇن يېتەرسىزلىك بار، ئۇلار يەنە نۇرغۇن جەھەتتە ياپونىيىدىن ئۆگىنىشى كېرەك.»
سابىق باش ئەلچى ئۇئېچىرو نىۋا خىتاي-ياپونىيە ئارىسىدا بىر قاتار سوغۇقچىلىقلارغا سەۋەب بولۇۋاتقان سېنكاكو ئارال مەسىلى ھەققىدە توختالغاندا، «ياپونىيە سېنكاكو ئارال مەسىلىسىدە خىتايغا ھەرگىز يول قويمايدۇ» دەپ تەكىتلىدى ۋە يەنە خىتاي ياپونىيە رەھبەرلىرىنى بۇ مەسىلىنى مەسئۇلىيەتچانلىق پرىنسىپى بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشىشقا، خاتالىقلارنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن تۈزىتىپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ يىرىكلەشتۈرمەسلىككە چاقىردى.
بۇ ئۇنىڭ خىتايدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىككى يىل جەريانىدا خىتايغا قارشى قىلغان ئەڭ كۈچلۈك بايانى بولۇپ، ئاخباراتلاردا بۇ بايانلارنىڭ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلەيدىغانلىقى شۇنداقلا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ يىرىكلەشتۈرىدىغانلىقى تەرىپلەنمەكتە.
ياپونىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئۇئېچىرو نىۋا بۈگۈن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدۇ، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ياپونىيە باش ئەلچىسى 12-ئايدىن باشلاپ خىتايدا رەسمىي ۋەزىپە ئۆتىمەكچى.
