ئامېرىكا سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدە ياپونىيىنى قوللايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى يېقىندا ياپونىيە بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقى ھەققىدە بىر قانۇن لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ تەستىقلىغان. مەزكۇر لايىھىدە، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.

قارار لايىھىسىدە ئامېرىكىنىڭ يەنە سېنكاكۇ ئارىلى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشنىڭ زوراۋانلىق يول بىلەن ھەل بولۇشىغا قارشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ياپونىيىنى ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى يېقىن ۋە قەدىمىي ئىتتىپاقدىشى دەپ تەرىپلەنگەن قارار لايىھىسىدە، ياپونىيە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئەھۋالدا، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا تۈزۈلگەن ئىلگىرىكى ئىتتىپاقداشلىق ئەھدىنامىسى بويىچە، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىنى قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلەنگەن.

مەزكۇر خەۋەر ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خوڭلېي مەزكۇر قارارغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇ باياناتىدا، ئامېرىكىنى تالاش-تارتىشتىكى ئاراللار مەسىلىسىدە تەرەپسىزلىك ۋەدىسىدە تۇرمىدى، دەپ ئەيىبلىگەن.