شىنزو ئابى «سەنكاكۇ مەسىلىسىدە مۇرەسسەگە ئورۇن يوق» دېدى، خىتاي ئەندىشىگە چۈشتى

ياپونىيىدە باش ۋەزىر سايلىمىدا غەلىبە قىلغان شىنزو ئابى، خىتاي بىلەن تالاش-تارتىشتىكى سەنكاكۇ مەسىلىسىدە پىكىر بايان قىلىپ، «ئارال مەسىلىسىدە مۇرەسسەگە ئورۇن يوق» دېگەن.

ئۇ سەنكاكۇنىڭ ياپونلارغا ئەجدادلاردىن مىراس قالغان تېررىتورىيە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ھېچقانداق بىر دۆلەت بىلەن تالاش-تارتىش ياكى مۇزاكىرە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، «نۆۋەتتە ئارال ياپونىيە تەرىپىدىن ئىگىدارچىلىق قىلىنىۋاتىدۇ ۋە خەلقئارا قانۇن بويىچە باشقۇرۇلۇۋاتىدۇ، بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغان ھېچقانداق ئىش يوق» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تۈنۈگۈنكى سايلامدا ئۇتۇپ چىققان شىنزو ئابى، مۇشۇ ئاينىڭ 26-كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىدا باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. خىتايغا قارشى كەسكىن مەيدانى بىلەن تونۇلغان شىنزو ئابىنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى خىتاي تەرەپنى ئەندىشىگە سالغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى، بۈگۈن بۇ ھەقتە توختىلىپ، «بىز ياپونىيىنىڭ قايسى يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىشىنى يۈكسەك ئەندىشە ئىچىدە كۈتۈۋاتىمىز» دېگەن ۋە «پىلانىمىز، مەۋجۇت مەسىلىسىنى مۇۋاپىق يوسۇندا ھەل قىلىش» دەپ ئىزاھلىغان.