خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرى مۇخبىرلىق بىلەن شۇغۇللانغان شيې چاۋپىڭ 2006 - يىلى مۇخىبر بولۇپ شەنشىنىڭ ۋېينەن رايونىغا بېرىپ، سەنمېنشيا سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن كۆچۈرۈۋېتىلگەن كىشىلەرنىڭ مەسىلىسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە بۇ ھەقتە كۆپلەپ ماقالە ئېلان قىلغان. ئەمما ئۇنىڭ ماقالىلىرى يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن يىغىۋېلىنغان ئىكەن.
ئەمما، شىيې چاۋپىڭ بۇ كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشتىن يەنىلا باش تارتماي، سەنمېنشيا سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلغان كىتابى "چوڭ كۆچۈش" نى يېزىپ چىقىپ، ئۇنى بۇ يىل 5 - ئايدا ئېلان قىلغان.
ئۇنىڭ ئايالى ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن: "ئۇ سەنمېنشيادىن كۆچۈرۈۋېتىلگەن كىشىلەرنىڭ قانداق قېيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى، نېمە پاجىئەلەرگە يولۇققانلىقىنى بىلەتتى. بۇ كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئۆزلىرى يولۇققان پاجىئەلەرنى ئاشكارىلاشنى، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ بۇنى بىلىپ قېلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان ئىدى."
ئىگىلىنىشىچە، كىتابتا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ چىرىكلىكى، كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەر ئۇچرىغان پاجىئەلەر ۋە يەر داۋاسىغا دائىر نۇرغۇن مەسىلىلەر ئاشكارىلانغان بولۇپ، كىتاب ئېلان قىلىنىپ، ئىككىنچى كۈنىلا شەنشى دائىرىلىرى تەرىپىدىن يىغىۋېلىنغان. يازغۇچى بولسا 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن شەنشىلىك ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. يازغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا بولسا ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.
كۆزەتكۈچىلەر يازغۇچى شيې چاۋپىڭنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋەقەسىنىڭ خىتايدىكى پىكىر ئەركىنلىكى مەسىلىسىنى يورۇتۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. شيې چاۋپىڭنىڭ ئادۋوكاتى جۇ زﯤ بېيجىڭدا ياشايدىغان بىر كىشىنىڭ شەنشى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ھېچقانداق سەۋەب كۆرسىتىلمەي تۇرۇپ 24 سائەتتىن ئارتۇق تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنىڭ خىتاينىڭ ئۆز قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.