يېرىم يىل ئىچىدە 1332 نەپەر سەرگەردان بالا قايتۇرۇپ كېلىندى

ئۆتكەن يىلى،5 - ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىچكىرىگە ئالداپ ئېلىپ كېتىلگەن سەرگەردان بالىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش پائالىيىتى باشلىغاندىن بۇيان ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا جەمئىي 1332 نەپەر بالا قايتۇرۇپ كېلىندى.

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاپتونوم رايونى رەئىسى نۇر بەكرى بۇ ئىشنى ئۆتكەن يىلىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى، دەپ تەرىپلىگەن.

خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ، جاڭ چۈنشەننىڭ ۋاڭ لېچۈئەننىڭ ئورنىغا پارتكوم سېكرىتارىلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن ئېلىپ بارغان مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا سەرگەردان ئۆسمۈر بالىلارنى يىغىپ تەربىيىلەش مەركىزى قۇرۇشنى قارار قىلغان شۇنىڭدەك يەنە 50 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلغان ئاپتونوم رايونلۇق سەرگەردان ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزى ھازىر قۇرۇلۇش ئۈستىدە تۇرماقتا.

ئۆتكەن يىلى ئىچكىرىدىكى سەرگەردان بالىلارنى يىغىپ، ئۇيغۇر ئېلىغا قايتۇرۇپ كېلىش پىلانى ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ھەر قايسى شەھەرلەردىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بۇ ئىشنى قوللىغان ھەمدە مەخسۇس بالىلارنى يۆتكەيدىغان جىنايى گۇرۇپپىلارغا زەربە بېرىشنىمۇ تەڭ ئېلىپ بارغان ئىدى.

ھازىرغىچە ئۈرۈمچى دائىرىلىرى سەرگەردان بالىلارنى يىغىۋېلىش ئۈچۈن 40 تۈركۈم بويىچە ئادەم ئەۋەتكەن.

نۆۋەتتە، ئىچكىرى خىتاي شەھەرلىرىدە زادى قانچىلىك سەرگەردان ئۇيغۇر بالا بارلىقى ھەققىدە ئېنىق سانلىق مەلۇمات يوق. شىنخۇا ئېلان قىلغان 1332 نەپەر بالىنىڭ مىللەت تەركىبى ھەققىدە ھېچ نېمە دېيىلگەن. بالىلارنى ئالداپ ئىچكىرىگە ئېلىپ بېرىپ، ئوغرىلىق قاتارلىق قىلمىشلارغا سالىدىغان شۇنىڭدەك بالىلارنى ئالداپ ئېلىپ قېچىپ، باشقىلارغا ساتىدىغان جىنايى گۇرۇپپىلارنىڭ مىللەت تەركىبىمۇ ھەر خىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىقى خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئىكەنلىكى شۇنىڭدەك مەزكۇر سەرگەردان بالىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرى ئىكەنلىكى مەلۇم.

سەرگەردان بالىلار مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان ئىجتىمائىي ۋە مىللىي مەسىلىلەرگە چېتىشلىق بولۇپ كەلمەكتە ئىدى.