«خىتاي شەھەرلىرىدىن قايتۇرۇپ ئەكەلگەن ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلار ئۆزىنى ئۆيگە قايتقاندەك ھېس قىلمىدى»

بۈگۈن شىنخۇا تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردىن، ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي شەھەرلىرىدىن قايتۇرۇپ ئەكەلگەن ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە يېتەرلىك خىزمەت قىلمىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 2011-يىلى ئىچىدە خىتاي شەھەرلىرىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن بالىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، جەمئىي 800 گە يېقىن بالىنى قايتۇرۇپ ئەكەلگەن ئىدى. ئەمما، ئىچكىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن سەرگەردان بالىلار ئاتا-ئانىلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ كۆپى يىللىق كىرىمى 5000 يۈەنگىمۇ يەتمەيدىغان نامرات ئائىلىلەر بولغاچقا، جان ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش يۈرگەن بۇ ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئامالسىز قېلىپ، نەتىجىدە، بۇ بالىلار مەيلى پسىخىكا جەھەتتە بولسۇن، مەيلى باشقا جەھەتلەردە بولسۇن يەنىلا ئۆزىنى ئۆيگە قايتقاندەك ھېس قىلمىغان.

ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئۆيىگە قايتۇرۇلغان سەرگەردان بالىلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن يۇقىرىدىكى خۇلاسىنى چىقارغان بولۇپ، ئۇلار بۇ مەسىلىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلىۋاتقان ئۇيغۇر رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-ئومۇميىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھۆكۈمەتتىن بۇ ھەقتە تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى تېخى يېقىندا ئېلان قىلغان چاغانلىق تەبرىك سۆزىدە، سەرگەردان بالىلارنى قايتۇرۇپ كېلىشنى 2011-يىلى ئىچىدە ھۆكۈمەت ئىشلىگەن ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى، دەپ مەدھىيىلىگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەينى چاغدا بەرگەن باياناتىدا، مەسىلىنىڭ بۇ بالىلارنى قايتۇرۇپ ئەكېلىش بىلەنلا ئاياغلاشمايدىغانلىقىنى، ئەسلى مەسئۇلىيەتنىڭ بۇندىن كېيىن باشلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: بالىلارنىڭ سەرگەردان بولۇشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان تۈپ ئامىلنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.