خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىش ھەرىكىتىنىڭ ۋاقتى ئۇزارتتى

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىش ھەرىكىتىنىڭ ۋاقتىنى بۇ يىل 5‏-ئايغىچە ئۇزارتقان.

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى 4-ئايدىن باشلاپ ئادەم ئەتكەسچىلىرى تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ بېرىلىپ، مەجبۇرى ئوغرىلىققا سېلىنغان سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىش ھەرىكىتى باشلىغان. دائىرىلەر ھازىرغا قەدەر 1624 نەپەر بالىنىڭ قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

دائىرىلەر بۇ ھەرىكەتنى ئەسلى 2011‏-يىلنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان. بىراق، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى قايتۇرۇپ كېلىش ھەرىكىتىنى بۇ يىل 5‏-ئايغا قەدەر ئۇزارتىشقا ماقۇل بولغان.

ھالبۇكى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ تەشۋىقات ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھازىرغا قەدەر قايتۇرۇپ كېلىنگەن بالىلار ئىچكىرىدىكى سەرگەردان بالىلارنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

تولۇقسىز مەلۇماتلاردا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئىچكىرىدىكى سەرگەردان بالىلارنىڭ سانى 20 مىڭدىن ئېشىشى مۇمكىن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى يېقىندا قايتۇرۇپ كېلىنگەن بالىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنىڭ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ج خ نازارىتىنىڭ جاۋ فامىلىلىك بىر ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2011‏-يىلدىكى ھەرىكەتتە 1630 نەپەر گۇماندار قولغا ئېلىنغان، 227 جىنايەت گۇرۇھ پاش قىلىنغان.