ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر يىلى 3000 ئەتراپىدا سەرگەردان بالىلار يىغىۋېلىنىدۇ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قۇتقۇزۇش باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى سۈن خەييۈنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 3000 ئەتراپىدا سەرگەردان بالىلار يىغىۋېلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 2011-يىلى 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 15 يەردە سەرگەردان بالىلار تەربىيىلەش مەركىزى قۇرۇشنى پىلانلىغان. بۇ خەۋەر 19-ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچى پايتەخت گېزىتىدە بېرىلگەن.

ئۇيغۇر بىز تور بېكىتىنىڭ خەلقئارا تورىدا تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېلىنگەن سەرگەردان بالىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس سەھىپە ئېچىلغان.

بۇ سەھىپىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىدا ياللىنىپ ئىشلەۋاتقان، يانچۇقچىلىق قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان سەرگەردان بالىلارنىڭ كۆپچىلىكى يېزىلاردىكى نامرات دېھقانلارنىڭ بالىلىرى بولۇپ، بۇ بالىلار تۇرمۇش قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن تىرىكچىلىك يولى ئىزدەپ، ئۈرۈمچى ھەم خىتاي ئۆلكىلىرىگە كەلگەن ياكى ئادەم بېدىكلىرى تەرىپىدىن ئالداپ ئېلىپ كېتىلگەن بالىلار ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىلگىرى سەرگەردان بالىلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ قېتىم ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما سەرگەردان بالىلارنى يىغىۋالغاندىن كېيىن ئۇلارنى تەربىيىلەش مەسىلىسى ھەققىدە كۆپرەك ئەمەلىي ئىش ئېلىپ بېرىلمىغان ئىدى.

شۇڭا ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەرگەردان بالىلار مەسىلىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى 5- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن مەجبۇرىي تاقىۋەتكەن ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە سەرگەردان بالىلار مەسىلىسى ھەم ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىدە كۆپ قېتىم مۇراجىئەتنامىلەر ئېلان قىلىنغان ئىدى.