ئۇيغۇر ئېلىدە ئاز دېگەندە 20 مىڭدىن ئارتۇق نارەسىدە بالىنىڭ سەرگەردانلىقتا ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا
2011.06.22
مەزكۇر خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلار نازارىتى، بۇ يىل 20-ئاپرېلدىن 17-ئىيۇنغىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن جەمئىي 144 نەپەر ئۇيغۇر سەرگەردان بالىنى قايتۇرۇپ ئەكەلگەن. بۇنىڭ بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن سەرگەردان نارەسىدە بالىلار 3858 ئادەم قېتىمغا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدە قۇتقۇزۇۋېلىنغان سەرگەردان نارەسىدە بالىلار 17838 ئادەم-قېتىمغا يەتكەن. خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى يەنە داۋاملاشماقتا.
يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلار ۋە قۇتقۇزۇشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىدىن، نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاز دېگەندە 20 مىڭ ئۇيغۇر نارەسىدە بالىنىڭ سەرگەردانلىقتا ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم.
گەرچە خەۋەردە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ نارەسىدە بالىلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قايتۇرۇپ ئەكېلىشى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكىلىرىنى توپلاش ھەرىكىتى نارەسىدە بالىلارنى قۇتقۇزۇش دەپ تەرىپلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بۇنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى بىر قۇتقۇزۇش ئىكەنلىكىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىشتا، پەقەت ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت ئوبرازى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىنى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
دىلشات رىشىت ئۇيغۇر ئېلىدە سەرگەردان بالىلارنىڭ بۇ دەرىجىدە كۆپ بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئورنى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك دەپ ئەسكەرتتى.