سېرىق بوران بۆرتالا، شىخو ، كۈيتون ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە يۈزلەنمەكتە

ئىبىنور كۆلىدىن كۆتۈرۈلگەن سېرىق بوران بۆرتالا، شىخو ، كۇيتون ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە يۈزلەنمەكتە. خىتاينىڭ 'شىنجاڭ خەۋەر تورى' بۇ بوراننى 'سېرىق بوران ئاپىتى' دەپ تەسۋىرلىگەن.

شۇنداقلا يەنە، ھازىر ئىبىنور كۆلىنىڭ سۇ تۇرىدىغان يەر كۆلىمى 550 كۋادرات كىلومېتىر تارىيىپ كەتكەنلىكىنى، بۇ سېرىق بوران دەل مۇشۇ جاينىڭ ئېقلىمى ئۆزگەرگەنلىكتىن پەيدا بولغانلىقىنى، بو بوران ئېلىپ كەلگەن چاڭ - توزان دەل شۇ قۇرۇپ كەتكەن كۆل تېگىدىكى شور توپا ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئۆتكەن ئايدا، خوڭكوڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرى كوممۇنىست خىتاينىڭ ئاپتونوم رايون باشلىقى ۋاڭ لېچۈەن قۇرغان'سوتسىيالىستىك شىنجاڭ' نىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچى شەھىرىنى 'ئىنسانىيەت ياشاشقا ئەڭ مۇۋاپىق بولمىغان جايغا ئايلىنىپ قالدى' دەپ تەسۋىرلىگەن ئىدى.