سېرىق دېڭىزدا ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدا پاراخوت ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈنۈگۈن سېرىق دېڭىزدا ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدا پاراخوت ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي دائىرىلىرى بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيە پاراخوتىنى، سېرىق دېڭىزدا خەلقئارا دېڭىز قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، خىتاينىڭ بېلىقچى كېمىلىرىگە چېقىلدى، جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللاندى، دەپ ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە دائىرىلىرى بولسا بۇنىڭغا قارشى ھالدا، خىتاي كېمىلىرى خەلقئارا دېڭىز قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، بىزنىڭ 'ۋىكتورىيا' بەلگىلىك ئۆلچەش پاراخوتىمىزغا قوپاللىق بىلەن يېقىنلىشىپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 'ۋىكتورىيا' بەلگىلىك ئۆلچەش پاراخوتى، تۈنۈگۈن سېرىق دېڭىزدا، خىتاي قىرغىقىدىن 113 كىلومېتىر يېراقلىقتىكى ئوچۇق دېڭىزدا نورمال ئۆلچەش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، خىتاينىڭ بېلىقچى كېمىلىرى خەتەرلىك شەكىل بىلەن يېقىنلاپ كەلگەن. ئامېرىكا پاراخوتى ئۇلارغا سېگنال بەرگەن ۋە سۇ چېچىپ ئۇلارنى يېقىنلاشتۇرمىغان.

ۋەقەدىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ھەر ئىككى تەرەپ بۇ ۋەقەنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن ۋە بۇ ھەقتە، بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى ئوچۇق دېڭىزدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پاراخوت ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، ئالدى بىلەن دېپلوماتىيە يولى بىلەن ئالاقىلىشىش - سۆزلىشىشكە باشلىغان ئىدى. بۈگۈن ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا بىر - بىرىنى ئەيىبلەشكە باشلىدى.