سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئاياللارغا سايلام ھوقۇقى بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا بۇ نۆۋەت سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن سايلام يىغىنى مەزگىلىدە سۆز قىلىپ، بۇندىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئېلىپ بېرىلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى سايلىمىدا، ئاياللارنىڭمۇ نامزات قىلىپ كۆرسىتىلسە بولىدىغانلىقىنى ھەم ئاياللارغىمۇ سايلامدا بېلەت تاشلاش ھوقۇقى بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئاياللىرى بۈگۈنگە قەدەر سايلام ھوقۇقىغا ئېرىشەلمەي كەلگەن بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان قانۇنىدا ئاياللارنىڭ قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلغاندىن سىرت، ئەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئىشلەيدىغان باشقا خىزمەتلەرنى قىلىشى، ھەتتا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدىشىمۇ چەكلەنگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە سەئۇدى ئەرەبىستاندا كېلەر نۆۋەتلىك سايلام يەنە 4 يىلدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللانىڭ بۇ قارارى قارشى ئېلىنىپ، «بۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئاياللار ھوقۇقى مەسىلىسىدە تاشلىغان يېڭى بىر قەدىمى» دەپ مەدھىيىلەندى.