مەككىدىكى ئۇيغۇرلار ھېيت پائالىيىتى ئېلىپ باردى

2012-يىلى24-ئاۋغۇست جۈمە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ياقۇپ بەدۆلەت ۋەقپىدە توپلىشىپ ھېيتلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

پائالىيەت قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلىنىپ شېئىر ئوقۇش، يۇمۇرلار، سۆز ئويۇنلىرى، تارىختىن سوئاللار ۋە ۋەز-نەسىھەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن ئاياغلاشتى.

پائالىيەتكە مەككىدە تۇرىدىغان ئۇيغۇرلاردىن ناھايىتى كۆپ ئادەم ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتنى ۋەتەنپەرۋەر ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزى ئۇيۇشتۇردى.

بولۇپمۇ كىچىك ئۆسمۈرلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىكى «ئۇيغۇرچە سۆزلەيلى ئاتا-ئانىلار، سىلەردىن ئۆگەنسۇن بالىلار» دېگەن شېئىر ھەممە ئادەمنى ھاياجانغا سالدى.

پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا مېھمانلارغا زىياپەت بېرىلدى.