" يۇلتۇز ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى" قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان خىتايدىكى چوڭ شىركەتلەردىن بىرى بولۇپ، شىركەت زاۋۇتىنىڭ 6 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچىسى بار ئىدى. شامىن خەيگاڭ رايونلۇق ھۆكۈمەت خادىملىرى، تەيۋەننىڭ مەركىزى ئاگېنتلىقىغا شىركەتنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ۋە بۇ سەۋەبتىن ئىشچىلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
بۇ ئارىدا، " گۇاڭجۇ گېزىتى" بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 9 ئېيىدا گۇئاڭدوڭدىكى ئېكىسپورت قىلىشنى ئاساس قىلغان 1300 ئويۇنچۇق زاۋۇتىنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
سۈپەتسىز خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنيا سودا بازىرىدىكى سەتچىلىكلىرى تۈپەيلى، خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر كۈندىن كۈنگە ئازايماقتا. بولۇپمۇ بالىلار ئويۇنچۇقىدا بايقالغان زەھەرلىك ماددىلار خىتايدىكى شىركەت ۋە زاۋۇتلارنىڭ تاقىلىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولغان بولۇپ، ئىشسىزلارنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.