شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلىرى تېررورلۇققا قارشى ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارماقچى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر 9 - ئايدا تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارماقچى. مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ يەنشىڭ بۈگۈن بايانات بېرىپ، "تىنچلىق بۇرچى 2010" دەپ ئىسىم بېرىلگەن ھەربىي مانېۋىرنىڭ قازاقىستاندا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

مانېۋىرغا خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، رۇسىيە ۋە تاجىكىستان قاتارلىق 5 دۆلەتتىن بولۇپ، 5000 نەپەر ھەربىي قاتنىشىدىكەن. خىتاي بۇ ھەربىي مانېۋىرغا قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئارمىيىلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 1000 نەپەر ھەربىي قاتناشتۇرىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، قاتناشقۇچى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي قىسىملىرى 31 - ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا يوللىرى ئارقىلىق قازاقىستان چېگرىسىدىن كىرىشكە باشلايدىكەن. مانېۋىر ئالماتا شەھىرىدە رەسمىي ئېلان قىلىنىپ باشلىنىدىكەن.

بۇ قېتىملىق ھەربىي مانېۋىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۆتكۈزگەن 7 - قېتىملىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە مانېۋىرى ھېسابلىنىدۇ.