شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي باشلىقلىرى دۈشەنبە كۈندىن باشلاپ شاڭخەيدە ئۇچراشقان ئىدى.
شىنخۇا ئاخباراتىدا نەقىل قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ ياڭشېڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك، دىنىي رادىكاللىق ۋە تېررورلۇقتىن ئىبارەت «ئۈچ خىل كۈچ» كە زەرب بېرىشتە «پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان» لىقىنى بىلدۈردى.
خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدە ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابىدا، خىتاي يولغا قويغان «ئۈچ خىل كۈچكە» زەربە بېرىش كۈرىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.